قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە سەپلىنىدىغان قورال تۈرلىرىدىن قارىغىنىمىزدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك پەرقلەر بار. كۆپ سانلىق دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۆز قىسىملىرىغا بىرونىۋىكلىق توشۇش ماشىنىسى ۋە پىيادە قىسىم جەڭ قىلىش ماشىنىسى سەپلىگەن بولىدۇ، تانكىلىرىنىڭ تاكتىكىلىق ۋە تېخنىكىلىق ئىقتىدارلىرى يامان ئەمەس بولىدۇ. زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلېرى بىر قەدەر ئىلغار بولىدۇ.قۇرۇلۇش ۋە ترانسپورت ئەسلىھەلىرىنىڭ مېخانىكىلاشقان ۋە ئاپتوماتلاشقان دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ. قىسمەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە سەپلىگەن قوراللىرىدىن ئوپېراتسىيە تىپىدىكى ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر بولۇپ، ئادەتتىكى ئوق بېشى ئورناتقىلى بولۇشتىن سىرت يادرو ئوق بېشى ھەم ئورناتقىلى بولىدۇ.تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىرىنىڭ كونترول قىلىش سىستېمىسى ناھايىتى ئىلغار بولىدۇ. تانكا، زەمبىرەك ۋە تىكئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ سانىكى كۆپ، سۈپىتى ياخشى بولىدۇ. رادار ۋە ئېلېكترونلۇق قارشىلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى زامان جەڭلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر تۈرلۈك ئارمىيە تۈرلىرىنىڭ ئۆزئارا بىر گەۋدىلىشىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. جەڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ھەر تۈرلۈك جۇغراپىيىلىك شارائىتلارغا قاراپ شۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئەسكىرى تارماقلار بارلىققا كەلدى. رادار ، ئېلېكترونلۇق قارشىلىشىش، تېخنىكىلىق رازۋېدكا، ئالاھىدە قىسىم قاتارلىق قىسىملار كۆپەيتىلدى. ماتورلاشقان قىسىم ۋە مېخانىكىلاشقان قىسىم كۈچەيتىلدى. قوماندانلىق قىلىش، كونترول قىلىش، ئۇچۇر-ئالاقە، ئاخبارات يەتكۈزۈش سىستېمىلىرى ۋە جەڭ تەمىنات خىزمەتلىرى تېخىمۇ ياخشىلاندى. ئۇزۇن مۇساپىلىك، توغرىلىقى يۇقىرى، زەربىسى كۈچلۈك، سۈرئىتى تېز، ۋەزنى يەڭگىل، ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمايدىغان قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھازىرقى زامان قۇرۇقلۇق ئارمىيىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەرەققىيات نىشانى بولۇپ قالدى، شۇ ئارقىلىق ئارمىيىنىڭ قېيىن شارائىتلاردا ھەم جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرماقچى بولدى.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى