تۆت باسقۇچقا ئايرىلغان بۇ ئۇرۇشتىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋام ئەتكەن ياراشتۇرۇش دەۋرى 10 يىل داۋام ئەتكەن. ئاساسىي رىقابەتچىلەر بولغان ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ھەر بىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. ئەنگلىيە فىلاندېرىستىكى گېرمان فېئوداللىرى بىلەن ئىتتىپاقلىق تۈزدى، فرانسىيىگە بولسا ئەنگلىيىگە قارشى چىشىنى بۆلەپ يۈرگەن شوتلاندىيە ۋە رىم پاپىلىرى ياردەم بەرگەن. ئەنگلىيە كۈچلىرى پادىشاھ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى چەۋەندازلار، ئوقياچىلار ۋە ياللانما ئەسكەرلەر بولسا، فرانسۇزلارنىڭ قوشۇنىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگىنى پادىشاھقا بېقىندى بولغانلار باشقۇرۇشىدىكى چەۋەندازلار ئىدى. بۇ ئاستا ۋە نەتىجىسىز داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش 1431 يىلدا جەننا د ئاركنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى. فرانسىيىدە پارتىزان گۇرۇھلار كۆپىيىشكە باشلىدى. 1453-يىلدا ئىنگلىزلار باردا دېگەن يەردە قاتتىق مەغلۇپ بولدى ۋە قەلئە پورتىدىن تاشقىرى بارچە يەرلىرىنى فرانسۇزلارغا تارىتقۇزۇپ قويدى. فرانسىيە ئارمىيىسى بولسا ئاتلىق چەۋەندازلاردىن ۋاز كېچىپ، ئومۇمىي دىققەت نەزىرىنى پىيادىلەر ۋە ئوق ئاتقۇچى قوراللارغا ئېتىبار بېرىشكە قاراتقان.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى