1.6K
سۇ ئۈستىدە جەڭ قىلغۇچى قىسىملارنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى سۇ يۈزىدە ھەركەت قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك كېمىلەرنى ئۆزىگە ئاساسلىق ئەسلىھە قىلغان جەڭ قىلغۇچى قىسىملارنى كۆرسىتىدۇ. سۇ يۈزىدە جەڭ قىلغۇچى قىسىملار دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسىمى ھېسابلىنىدۇ. جەڭ پەيتلىرىدە ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ھەمدە باشقا ئارمىيە تۈرى بىلەنمۇ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئەمىلىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن سۇ ئۈستى ۋە سۇ ئاستى كېمىلىرىگە قارشى تۇرۇش، كېمە ئەترەتلىرىنىڭ ھاۋا مۇداپىيەسى، سۇ مىنا ئۇرۇشى، دېڭىز تەۋەلىكىنى قامال قىلىش، قامالغا قارشى تۇرۇش ۋە قىرغاق جېڭى، ئەسكىرى كۈچ ۋە لازىمەتلىكلەرنى يۆتكەش. قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى