1) قىيىنچىلىقتا ھايات كەچۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان سايمان ساندۇقى
قىيىنچىلىق شارائىتتا ئۇنىڭغا قارىتا تەييارلىق ۋە پىلان بولغاندىن سىرت، يەنە بىزدە زۆرۈر لازىمەتلىكلەر ساندۇقى بولۇشىمۇ مۇھىم.
ئەسكىرىي ئايروپىلانلاردا ئادەتتە بۇنداق زۆرۈر لازىمەتلىكلەر ساندۇقى سەپلەنگەن بولىدۇ، ساندۇقتىكى لازىمەتلىكلەر بىز ئۇچماقچى بولغان رايۇننىڭ شارائىتىغا ئاساسەن تاللانغان بولىدۇ، يەنى بەزىسى سۇ ئۈستىدىكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا، بەزىسى قاتتىق ئىسسىقتىن ساقلىنىشقا، ۋە يەنە بەزىسى قاتتىق سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا، ئۇچقۇچىلارنىڭ قۇتقۇزۇش جىلىتكىسى دېگەندەك نەرسىلەر سەپلەنگەن بولىدۇ.
مۇشۇ لازىمەتلىكلەر ساندۇقىدا تۆۋەندىكىدەك نەرسىلەر بار:
• سۇ ياكى سۇغا ئىرىشىش سۇ ساقلاش ئۈسكۈنىسى (سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ئۈسكىنىسى)؛
• يىمەكلىك ياكى يىمەكلىككە ئىرىشىشتە ئىشلىتىلىدىغان كىچىك سايمان؛
• ترىپولىمېرلىق فورمالىن يېقىلغۇسى (Trioxane fuel)؛
• سەرەڭگە ۋە سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان سەرەڭگە قىپى؛
• قازان؛
• قاتلىنىدىغان كىچىك پىچاق؛
• پىلاستىك قوشۇق؛
• كومپاس؛
• سىگنال ئەينىكى (سۇ ئۈستىدە قۇتقۇزۇش ساندۇقىنىڭ ئىچىدە يەنە دېڭىز سۈيى رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان بوياق، قاتتىق ئىسسىقتا ئىشلىتىلىدىغان بويۇملار ساندۇقىنىڭ ئىچىدە يەنە پىلاستىك پۇشتەك بولىدۇ)؛
• سىگنال تاپانچىسى (بەلگە تاپانچا)؛
2) جىددى قۇتقۇزۇش ساندۇقى
بىر قىسىم مۇھىتنىڭ زىيان يەتكۈزىشىدىن ساقلايدىغان بويۇملار (سۇ ئۈستىدە ۋە قاتتىق ئىسسىق مۇھىتتا قۇياش نۇرى چېقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بويۇملار):
• ھاشارەتتىن مۇداپىئەلىنىش باش كىيىمى؛
• قوش پايدىلانغىلى بولىدىغان كۈن نۇرىنى توسىدىغان قالپاق؛
قەھرىتان سوغۇقتا ئىشلىتىلىدىغان سايمان ساندۇقىنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكى بويۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
• يامغۇرلۇق يېپىنچىسى؛
• ئۇخلاش خالتىسى «ئەسكىرىي يوتقان»؛
• ھاشارەتتىن مۇداپىئەلىنىش باش كىيىمى؛
• گۈرجەك؛
• شام؛
• ھايات كەچۈرۈش قوللانمىسى؛
سايمان ساندۇقى ناھايتى كىچىك بولسىمۇ، ئەگەر ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، سىز خەتەرلىك شارائىتتا قالغان ۋاقتىڭىزدا ئۇ بىباھا نەرسىگە ئايلىنىدۇ.
3) لازىمەتلىكلەرنىڭ تاللىنىشى
قايسى خىل لازىمەتلىكنىڭ تاللىنىشى مۇھىت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
لازىمەتلىكلەر ساندۇقىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئاز ياكى كۆپ قاچىلىنىشى ھەمدە ساندۇقنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، سىزنىڭ سەپىرىڭىزنىڭ شەكلى ياكى پۈتۈن ئۆمەكنىڭ ئومۇمىي تەييارلىق تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
سايمان ساندۇقى تەييارلىغان ۋاقىتتا، ئىككى خىل نەرسىنى ئوخشاش ئىشلىتىدىغان بولسا، تەكرار ئالماسلىق كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولغاندا ساندۇقنىڭ ھەجىمى ۋە ئىغىرلىقىنى ئاشۇرۋەتكەندىن باشقا ئىش بولمايدۇ.
لازىمەتلىك ساندۇقىنى ناھايتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلاش زۆرۈر ئەمەس، لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ، بۇ نەرسىلەرنى قاچىلايدىغان نەرسە تېپىپ سېلىۋالساقلا بولدى. بۇ بەلكىم سىز بۇرۇن يىغىپ قويۇپ قويغان قاپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقى ۋەياكى باشقا ماس كېلىدىغان قاپلار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ قاپلار چوقۇم تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
• ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك؛
• چىداملىق؛
• بىزنىڭ ئىھتىياجىمىزنى قامدىيالايدىغان؛
• سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان؛
سايمان ساندۇقىنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكى نەرسىلەر چوقۇم بولىشى كېرەك:
• جىددى قۇتقۇزۇش بويۇملىرى؛
• سىگنال يوللاش ئەسۋابى؛
• سۇ ياكى بىزنىڭ سۇغا ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بىرىدىغان ئەسۋاب؛
• ئوت ياقىدىغان سايمان؛
• يېمەكلىك ياكى بىزنىڭ يېمەكلىككە ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بىرىدىغان ئەسۋاب؛
• يېپىنچا؛
• قۇرال؛
• پىچاق؛
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى