9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكا بېيىر تىكئۇچار ئايروپىلان شىركىتى 2018-يىللىق ھازىرقى زامان دېڭىز ئارمىيە كۆرگەزمىسىدە(Modern Day Marine) V-247 تىپلىق يانتۇ روتورلىق(پىرقىرما قانات) ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئەسلى مودېلىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئايروپىلان بېيىر شىركىتىنىڭ UH-1Y تىپلىق ئايروپىلانى بىلەن چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇپ، ھاۋا مۇداپىيەسى، ئېلىكتىرونلۇق قارشىلىشىش، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە دەل زەربە بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن. بۇ ئايروپىلاننىڭ يىراق مۇساپىلىك چارلاش سۈرئىتى 444km/h ، ئەڭ تېز سۈرئىتى 550km/h تىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇچقىچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىچكى قىسىمىغا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان ئوق ئېغىرلىقى 0.9توننا ئەتىراپىدا، لېكىن ئايروپىلان سىرتىغا ئېسىلىدىغان ئوق ئېغىرلىقى 4 توننىدىن ئېشىپ كىتىدۇ.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى