بالىلارنىڭ چىش ساغلاملىقى

بوۋاق مەزگىل چىشنىڭ يېتىلىش مەزگىلى، شۇنداقلا چىش كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل.

🍼 1. بالىغا ئېمىزگىنى جىق ئەمگۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك. سۈت بەرگەندە سوسكىنى بالا يۈزى بىلەن تىك تۇتۇش، ئېمىتكەندە بالىنى تۈز ياتقۇزۇپ قويماسلىق، بىر يېرىم ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن سوسكا ئىشلىتىشنى توختىتىش كېرەك.

👍 2. ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتكۈزۈش. بالىلارغا تەربىيە بېرىپ، كالپۇكىنى چىشلەش، بارمىقىنى شوراش، قاتتىق نەرسىلەرنى چىشلەشتەل ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

🍫 3. بالىلارغا تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك. كۆكتات، مېۋە قاتارلىق تالا مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، چىشنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top