9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا «قەھرىمان قالقان» ناملىق مانېۋىرىدا، تىكوندېروگا دەرىجىلىك توماخاۋك(CG 54) تىپلىق چارلىغۇچى پاراخوتتىن «جەڭ پالتىسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلدى، نىشان بولسا گۇئام ئەتراپىدىكى ئادەمسىز ئارال ئىدى.
ئامېرىكا ئارمىيىسى يەنە بىر قېتىم، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە قارشى كۈچ ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلسا ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ توماخاۋك چارلىغۇچى پاراخوتتىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم دولقۇنىنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا Aegis ناملىق پاراخوتى تۇنجى قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم دولقۇنىنى قۇزغايدۇ
ئامېرىكا Aegis ناملىق پاراخوتى تەيۋەن بىلەن گۇئام ئارىلىقىدا ياكى تەيۋەن بوغۇزىغا يېقىنلا بولسىلا، ئوخشىمىغان جايلارغا دەرھال «جەڭ پالتىسى» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق قايتۇرما زەربە بېرەلەيدۇ. «جەڭ پالتىسى» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئەڭ يىراق مۇساپىسى 2500 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 22 دانە تىكوندېروگا دەرىجىلىك Aegis ناملىق چارلىغۇچى پاراخوتى بار بولۇپ، 122 تىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش تۇرۇبىسى سەپلەنگەن.
2020-09-24