21سېنتەبىر (UPI) – ياپونىيەنىڭ كېلەر يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى 51 مىليارد 600 مىليون دوللار بولۇپ ، خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ئەترىتى قۇرۇش پىلانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
نىككىي دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، باش مىنىستىر شىنزو ئابېنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئۆتكەن توققۇز يىلدا ھەربىي خامچوت ھەر يىلى ئۆرلىگەن بولۇپ، 2021- يىلىدا ئۇخشاشلا % 1.63 ئۆرلىگەن.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ رايوندىكى تەھدىدنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، خامچوتنىڭ ئېشىشىنىڭ «مۇقەررەر» لىكىنى ئېيتتى. ياپونىيە كېلىدىغان بۇ تەھدىلەر بولسا چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى ۋە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە ياپونىيە تەلەپ قىلغان خىتاينىڭ «داۋيۇتەي ئارىلى» دەپ ئاتالغان سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىش ئىكەن.
بېيجىڭنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇش ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيە خىتايغا قارشى ئىھتىياتنى كۈچىيىۋاتىدۇ، بۇ ھەرىكەت يەكشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي ئىنگېننىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى .
ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى تالاش-تارتىشتىكى ئاراللارنى قوغداشقا چاقىردى
ياپونىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نوبۇ كېشى تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچلەنغدۈرۈشى مۇكىن ئىكەن. «ياپونىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئابى شىنزونىڭ ئىنىسى كېشى ياپونىيە بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ ، تەيبېي بىلەن ئالاقە قىلغان. خىتاي بولسا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنى تەيۋەن بىلەن بەك قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
دۈشەنبە كۈنى ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان خامچوتنىڭ ياپونىيەنىڭ تاشقى بوشلۇق ۋە تور بوشلۇقى ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئېلېكتر ماگنىت ياكى EM سپېكترى ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ئورۇنلىرى پىلانغا كىرگۈزۈلدى.
ياپونىيەنىڭ 2021-يىلدىكى ھەربىي چىقىمى كېيىنكى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ياپونىيە 2035-يىلغىچە F-2 قوللاش كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئىز باسارىنى تەرەققى قىلدۈرماقچى.
2020-09-24
مەنبە: UPI