ئامېرىكا ئىراننىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا «كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە» قىلغانلىقى ئۈچۈن يېڭى جازا يۈرگۈزدى.
ۋاشىنگىتوننىڭ يېڭى جازا تىزىملىكىدە ئىرانلىق چېلىشىش ماھىرى ناۋىد ئافكارىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئۈچۈن رول ئوينىغان سوتچىمۇ بار.
ئامېرىكىنىڭ ئىران ۋە ۋېنېزۇئېلادىكى ئالاھىدە ۋەكىلى ئېللىئوت ئابرامس بۈگۈن كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا قاتناشقان بىر يىغىندا مۇنداق دېدى: بۇ جازا ئىران چېلىشىش ماھىرى ناۋىد ئافكارىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان سوتچىنى مەقسەت قىلغان.
ئابرامس مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئىران خەلقىنى ئەركىنلىك ۋە ئادالەتتىن مەھرۇم قىلغانلارغا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قارار قىلدى، بۈگۈن ئامېرىكا ئىراننىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا، جۈملىدىن ناۋىد ئافكارىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان سوتچىغا قارىتا يېڭى جازا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ».
2018-يىلدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى پائالىيەتلەردە ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئافكارى 12-سېنتەبىر ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.
ۋاشىنگىتون بىر تەرەپلىمە ھالدا ب د ت نىڭ تېھرانغا قاراتقان بارلىق جازالىرىنىڭ قايتىدىن كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ۋە باشقا بىر قىسىم شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا جازا يۈرگۈزدى.
ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى روسىيە ۋە خىتاي بىلەن بىرلىكتە پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 2018-يىلى ئامېرىكىنى يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنگەنلىكى ئۈچۈن، جازانى ئۆزگەرتىدىغان «تارتىۋېلىش» مېخانىزمىنى قوزغىتالمايدىغانلىقىنى ئارقا ئارقىدىن ئېلان قىلىشتى.
2020-09-25
مەنبە: Mepa News