ﺋﯘرۇش ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ يېقىلغۇ سەرپىياتى ھەققىدە !
ﻗﯩﺮﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن ـــ ﺑﯘ ﮬﺎۋادا دۈشمەن ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﻘﯘ شەكلىدىكى ﮬﺎۋا ﮬﯘﺟﯘم ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ، ﺑﯘ يەنە ﮬﯘﺟﯘﻣﭽﻰ ﺋﺎﻳﺮۇﭘﯩﻼﻧﻤﯘ دېيىلىدۇ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ دۇﻧﻴﺎ ﺋﯘرۇﺷﯩﺪا ئومۇمەتەن ﻗﻮﻏﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﻗﯩﺮﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ۋەزىپىسى ﺑﻮﻟﺴﺎ دۈشمەننىڭ ﻗﯩﺮﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﻰ بىلەن ﮬﺎۋا ﺟﯧﯖﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺷﯘ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎۋا تەۋەلىكى ئەۋزەللىكىنى ﻗﻮﻟﻐﺎ كەلتۈرۈش (ﮬﺎۋاﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮول ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﻮﻗﻰ). ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ دۈشمەننىڭ ﺑﻮﻣﺒﺎردﯨﻤﺎﻧﭽﻰ، زەربىدار ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە ﭼﺎرﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻨﺎرەدلىرىنى ﺗﻮﺳﯘش، ﻳەنە مەلۇم ﻣﯩﻘﺪاردا ﻗﯘرۇﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎرشى ﻗﯘراﻟﻼرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﻗﯘرۇﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىيەلەيدۇ .
ﻗﯩﺮﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺟﺎﻳﻼرﻧﯩﯔ ﮬﺎۋا مۇداپىيەسىگە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﻮﺳﯘپ زەربە ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﻨﻰ ﺋﯚز ئىچىگە ﺋﺎﻟﯩﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ20-ﺋەﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 60-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ رادار، ﺋﯧﻠﻜﺘﯩﺮوﻧﻠﯘق ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻼر ۋە ﻗﯘرال-ﻳﺎراغ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ مۇكەممەللىشىشى بىلەن، ﻣەﺧﺴﯘسﺗﻮﺳﯘپ زەربە بەرگۈچى ﻛﯜرەشچى ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ۋەزىپىسىنى ﮬﺎۋاﻧﻰ ﻛﻮنتىرول ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ كۈرەشچى ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن ﺋﯚﺗﯜمەكتە ، ﺷﯘﯕﺎ ﺗﻮﺳﯘپ زەربە بەرگۈچى ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن داۋاﻣﻠﯩﻖ تەرەققى ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪى. ﻗﯩﺮﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﺎۋا ﺋﺎرﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎۋادا جەڭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن ﺗﯜرى، ھەم ﻗﻮرۇﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋەزﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚتەشكە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯘراﻟﻨﯩﯩﯔ يېقىلغۇ سەرﭘﯩﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻜﺪۇ؟
ف-15
ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى 12.9توننا، ئىچكى ماي باكىغا 6.1توننا ماي سىغىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش مۇساپىسى 4632(ئايلىنىپ ئۇچۇش مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ)، ھەربىر توننا مايدا 760كېلومېتىر ئۇچىدۇ، سىرتقى قىسىمغا 9.8 توننا ماي سىغىدىغان ماي باكى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، ئۇچۇش مۇساپىسى 5745مېتىر بولىدۇ، ھەر توننا مايدا 586 كېلومېتىر ئۇچالايدۇ.
ف-18
ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى 13.3توننا، ئىچكى ماي باكىغا 5 توننا ماي سىغىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش مۇساپىسى 3700 كېلومېتىر، ھەر توننا مايدا 740 كېلومېتىر ئۇچالايدۇ.
سۇ-27
ئۆز ئېغىرلىقى 17.4توننا، ئىچكى ماي باكىغا 9.4توننا ماي سىغىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش مۇساپىسى 3790 كېلومېتىر، ھەر توننا مايدا 403 كېلومېتىر ئۇچىدۇ
سۇ-30
ئۆز ئېغىرلىقى 17.7توننا ، ئىچكى ماي باكىغا 9.4توننا ماي سىغىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش مۇساپىسى 4000كېلومېتىر ، ھەر توننا مايدا 425 كېلومېتىر ئۇچىدۇ.
سۇ-33
ئۆز ئېغىرلىقى 18توننا، ئىچكى ماي باكىغا 9 توننا ماي سىغىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش مۇساپىسى 3900 كېلومېتىر، ھەر توننا مايدا 433 كېلومېتىر ئۇچالايدۇ.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى