ئەزەربەيجانغا تەۋە بولغان «قاراباغ» دەپ ئاتىلىدىغان رايون بولسا دۇنيادىكى تالاش تارتىش بولۇۋاتقان مۇھىم رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . قاراباغ رايونىدىكى خەلقىنىڭ 95% ئەرمەن مىللىتى بولۇپ 1991- يىلى خەلق بۇ رايوننى ئەزەربەيجاندىن مۇستەقىل دەپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىگە قېتىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان.
قاراباغ رايونىدىكى ئەرمەن خەلقىگە كېلىۋاتقان ئىقتىسادى ۋە ھەربىي ياردەم ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىدىن كېلىدۇ. بۇ ئارقىلىق قاراباغ رايونىدىكى ئەرمەنلەر ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى بىلەن بىر قانچە قېتىم قوراللىق توقۇنۇشقان بولۇپ، 1991- يىلى كەڭ كۆلەملىك جەڭ يۈز بېرىپ 30 مىڭ ئەتراپىدا كىشىلەر ئۆلۈپ نەچچە يۈزمىڭ كىشىنىڭ سۈرگۈن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1993- يىلى ئەرمېنىيە قاراباغنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق ئەزەربەيجاننىڭ %20 تىنى بېسىۋالىدۇ. 1994- يىلى خەلقئارا جەمئىيەت ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۇرۇش توختاتقان بولسىمۇ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ھېچ توختىمايدۇ . بۇ سۈركىلىشلەر ئىچىدىكى ئەڭ قانلىق بولغىنى بولسا 2016- يىلى يۈز بەرگەن «4 كۈنلۈك ئۇرۇش» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇرۇش بولۇپ ئىككى تەرەپتىن 200 گە يېقىن ئەسكەر ئۆلگەن.
2020-09-29
مەنبە: تەكلىماكان خەۋەر مەركىزى