بەششار ئەسەد روسىيەنىڭ سۈرىيىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئاقلاپ ، بۇنىڭ غەرب كۈچلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئامىلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بەششار ئەسەد رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ Defence TV قانىلىنىڭ زىيارىتىگە قاتناشتى. ئەسەد زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «يەرشارىدىكى ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقى روسىيەنىڭ رولىغا موھتاج.» «بۇ ھەربىي بازىلارنىڭ لازىمى بار، بىز بۇنىڭدىن نەپ ئالىمىز» دېدى. ئۇ يەنە: روسىيەنىڭ سۈرىيىدىكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ ياردىمىدە ، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ رايوندىكى ئورنى تەڭپۇڭلاشتى.
روسىيە سۈرىيىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى ھاكىمىيەت قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. روسىيە 2015-يىلى ھاۋا ھەرىكىتىنى قوللاشقا باشلانغاندىن تارتىپ سۈرىيىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيت روسىيىنىڭ سۈرىيىدىكى ھىمەيمىم ھەربىي بازىسىنىڭ يېنىدا، تارتۇستىكى دېڭىز ئارمىيىسى بازىسى بار.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى موسكۋا تەمىنلىگەن ھاۋا كۈچى ۋە ئىراننى قوللايدىغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ قوللىشى بىلەن قولدىن كەتكەن يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇۋالدى.
2020-10-06
مەنبە: ئامېرىكا ئاۋازى