سۇرىيە پرېزىدېنتى باشار ئەسەد دۇنيادىكى تۇنجى روسىيە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان خىتاي ۋىرۇس ۋاكسىنىسىغا ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەسەد سپۇتنىك بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئەلۋەتتە ، بۇ شارائىتتا ھەممە ئادەم بۇ خەتەرلىك ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنى خالايدۇ».
ئەسەد يەنە دەمەشىقنىڭ رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن سۈرىيە بازىرىنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتىپ «مېنىڭچە بۇ ۋاكسىنا خەلقئارا بازاردا تېخى تېپىلمىدى ، ئەمما بىز روسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن ۋاكسىنىنىڭ سۈرىيە بازىرىدا بولۇشى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىمىز. بۇ ۋاقىتلاردا بۇ ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئېھتىياجدۇر»دېدى.
بەششار ئەسەد رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋاكسىنىنىڭ 11-ئايدا خەلقئارا بازارغا تەييارلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان توغرىسىدا سۆز قىلىپ، دەمەشىقنىڭ چوقۇم موسكۋا بىلەن سېتىۋېلىش مەسىلىسىنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئەسەد مۇنداق دېدى: سۈرىيىدىكى ھەممە كىشى روسىيەنىڭ ۋاكسىنىسىنى ۋە قاچان ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ.
قانچىلىك ۋاكسىنا ئېلىشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن ئەسەد: «بۇ ۋاكسىنىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىغا باغلىق ، بىز سۈرىيەدىكى سەھىيە تارماقلىرى بىلەن ئېھتىياجلىق مىقدارنى مۇزاكىرە قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.
2020-10-07
مەنبە: sputniknews