مالى ھۆكۈمىتى، پىلانلانغان مەھبۇس ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدە نۇرغۇن «جىھاد» پىكرىدىكى مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بەردى.
يەرلىك مەنبەلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ، يېقىنقى 4 كۈندە قويۇپ بېرىلگەن جىھادىي مەھبۇسلىرىنىڭ سانى 130 دىن ئېشىپ كەتكەن. قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلار جىھادچى گۇرۇپپىلارغا قوشۇل ئۈچۈن دۆلەتنىڭ شىمالىغا كەتكەنلىكى بىلىنمەكتە
قۇيۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ مالىدا ھەركەت قىلىۋاتقان «نۇسرەت ئەل ئىسلام ۋەلى مۇسلىم» گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن مالى سىياسىئونى سۇمايلا سىسې ۋە فرانسىيەلىك تۇتقۇن سوفىي پېترونىننىڭ قويۇپ بېرىلىشى بەدىلىگە قويۇپ بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
سۇمايلا سىسې 2020-يىلى 25-مارت ، پېترونىن 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى گۆرۈگە ئېلىنغان.
ھەر ئىككى ئىسىمنىڭ پات يېقىندا قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
2020-10-08
مەنبە: Mepa News