ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيو مۇنداق دېدى: خىتاي ھىندىستاننىڭ شىمالىي چېگراسىغا ئونمىڭلىغان ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى.
پومپېيو فوكىس خەۋەرلىرىگە بەرگەن باياناتىدا ، خىتايغا قارشى تەرەققىي قىلغان بۇ ئىتتىپاقنىڭ 3 ئەزاسى بولغان ئاۋىستىرالىيە ، ھىندىستان ۋە ياپونىيە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھەپتە بېشىدا ئامېرىكا ، ئاۋىستىرالىيە ، ھىندىستان ۋە ياپونىيە ئىتتىپاقى (Quad) نىڭ سۆھبىتىگە قاتناشقان پومپېيو: «ھىندىستان، شىمالىي چېگرادا 60 مىڭ خىتاي ئەسكىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ» دېدى.
پومپېيو باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇس يۇقۇمىغا بولغان ئىنكاسىنى تەنقىدلەپ ، بۇ دۆلەتنى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىغان» دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى توكيودا ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ «تەھدىد خاراكتېرلىك ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ دۇنيا ئۇزۇن ۋاقىتىن بۇيان خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا، ھازىر بۇ نۇقتىغا جىددىي بىر شەكىلدە قاراپ چىقىشى كېرەك.» دېدى.
6-ئايدا 20 ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلگەن ئىدى
6-ئاينىڭ 15-كۈنى 20 ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە رايوندىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋەتكەن خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جەريان بولسا، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ بېشىدىكى 3 نۇقتىدىن لاداخ رايونىغا كىرىشى ۋە ئۇ يەردە چېدىر ۋە ھەربىي ئورۇن تەسىس قىلىشى بىلەن باشلانغان.
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ «ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىغۋاگەرچىلىك ھەربىي ھەرىكەت قوللانغانلىقى ۋە رايوندىكى ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ئالاقىدە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ساۋ لىچىئان 31-ئاۋغۇست خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي كونترول لىنىيىسىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ، «ئەسكەرلەر ئەزەلدىن چېگرادىن ئۆتمىدى» دېدى.
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگى ۋە ئۇنىڭ خىتايدىكى مەنسەپدىشى ۋېي فىڭگى 4-سېنتەبىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە موسكۋادا كۆرۈشتى.
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا ، يىغىندا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان ياكى ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان تەدبىر قوللانماسلىققا قوشۇلغانلىقى كۆرسىتىلدى.
خىتاي بىلەن ھىندىستان سېنتەبىردە چېگرا رايونىغا بۇنىڭدىن كېيىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرماسلىققا قوشۇلدى.
2020-10-11
مەنبە: ئانادولو ئاگېنتلىقى