ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، جۈمە كۈنى دېڭىز-ئوكيان ئۆزىنى قوغداش قىسمى جەنۇبىي دېڭىزدا تىكئۇچار ئايروپىلان توشۇغۇچى پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ پاراخوتنى گۇرۇپپىلاپ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى مانېۋىر ئېلىپ باردى.
مىنىستىرلىق باياناتىدا مانېۋىرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات بەرمەي، دمانېۋىرنىڭ مەقسىتى «ئۇلارنىڭ تاكتىكىلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش» دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۈچ پاراخوت ھەپتە ئاخىرىدا ۋىيېتنامنىڭ كام رانخ قولتۇقىدا توختاپ ، تەمىناتنى تولۇقلايدىكەن. مىنىستىرلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلۇماتلنى ئاشكارلىمىغان.
جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئېنېرگىيەسى مول سۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بۇ رايوندىكى سۈنئىي ئاراللاردا ھەربىي قاراۋۇلخانا قۇرغان خىتاي ئېگىدارچىلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. برۇنېي ، مالايسىيا ، فىلىپپىن ، تەيۋەن ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ دېڭىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئېگىلىك ھوقۇقى تەلىپى بار.
2020-10-11
مەنبە: JAPANTIMES