بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن «خەلقئارا ئاپەت خەۋپىنى ئازايتىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2000 – ۋە 2019-يىللىرى ئارىسىدا 7348 چوڭ ئاپەت رۇيخەتكە ئىلىنغان.
دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەردە 1 مىليون 230 مىڭ كىشى قازا قىلغان، 4 مىليارد 200 مىليون كىشى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، دۇنيا ئىقتىسادىغا تەخمىنەن 3 تىرىليون دوللار زىيان يەتكەن.
يېقىنقى 20 يىلدا كەڭ كۆلەملىك كەلكۈنلەر بىر ھەسسە كۆپەيگەن، بوران، قۇرغاقچىلىق، دالا ئوت ئاپىتى، پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى، يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى قاتارلىقلاردىمۇ كۆپىيىش كۆرۈلگەن.
ئاسىيا 3 مىڭ ۋەقە بىلەن ئەڭ كۆپ تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىشتە بىرىنچى، 1756 ئاپەت بىلەن ئامېرىكا ئىككىنچى، 1192 ئاپەت بىلەن ئافرىقا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.
ئاپەتنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر ئىچىدە رەت بويىچە خىتاي بىرىنچى، ئامېرىكا ئىككىنچى، ھىندىستان ئۈچىنچى، فىلىپپىن تۆتىنچى ۋە ۋە ھىندىنوزىيە بەشىنچى بولغان.
ھىندى ئوكياندا 2004 – يىلدىكى دېڭىز تاشقىنى سەۋەبىدىن 226 مىڭ كىشى قازا قىلغان، 2010 – يىلى ھايتىدا يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتە بولسا 222 مىڭ كىشى قازا قىلغان.
2020-10-13
مەنبە: TRTHABAR