پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ مىقدارىنى ئېلان قىلدى. ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان زاپاس گاز مىقدارى بىلەن قۇشۇلۇپ ئومۇمىي زاپاس گاز مىقدارى 405 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى.
پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زوڭگۇلداكتىكى «فاتىھ» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتىدا ئېلىپ تەكشۈرۈشتىن كېيىن يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەردوغان قوشۇمچە تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ 85 مىليارد كۇب مېتىر سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى ، ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ 405 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
پرېزىدېنت ئەردوغان ھەپتە ئاخىرىدا AK پارتىيە گۇرۇپپا مەجلىس يىغىنىدا قارا دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇرغىلاش خىزمەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ، «فاتىھ» ناملىق بۇرغىلاش پاراختى بايقىغان يېڭى زاپاس گاز مىقدارىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
8-ئاينىڭ 21-كۈنى، قارا دېڭىزدا 320 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بارلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
2020-10-18
مەنبە: Mepa News