خىتاي ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ «قولغا ئېلىنىش» مۇمكىنچىلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ سوتىقا تارتىلىشىغا قارشى خىتايدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشى مۇمكىنچىلىكى بىلەن ئاگاھلاندۇردى.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» دىكى ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: خىتاي ئەمەلدارلىرى نۇرغۇن يوللار ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى.

خىتاينىڭ ۋاشىنگىتونغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا سوتىلىنىشىنىڭ چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ، بولمىسا خىتايدىكى ئامېرىكا پوقرالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكىدا 3 خىتاي  قولغا ئېلىندى

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى 7-ئايدا ئاكادېمىكلاردا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماس قىلغان ئۈچ خىتاي پۇقراسىنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 9-ئايدا «خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش» ۋە «يەرلىك قانۇنلارنى خالىغانچە ئىجرا قىلىش» قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە شياڭگاڭغا ساياھەتكە بارماقچى بولغان پۇقرالارغا ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.

2020-10-18

مەنبە: TRTHABAR / AA

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top