ئىگىلىنىشچە ، رۇسىيە، ئىران ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان ئۈچ تەرەپ ئىتتىپاقى ئەرمېنىيەگە ئەزەربەيجانغا قارشى ئەۋەتكەن ھەربىي ياردەمدە ھەمكارلاشقان ئىكەن.
9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش رايون خاراكتېرلىك كرىزىس پايدا قىلغان بۇلۇپ، ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە ئىشغال قىلىۋالغان ناگورنو-قاراباغدىكى زېمىنىنى قايتۇرۋېلىش جېڭىدە ئۈستۈنلۈكنى قازىنىشغا ئەگىشىپ رايوندىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئەرمىنىيەنى قوللىدى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننى سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن قوللىشىغا ئەگىشىپ، گرۇزىيە بىلەن بىتەرەپ تۇرۇشنى تاللىدى.
روسىيە-ئىران-ئەسەد ئىتتىپاقى
ئەرمەنىستاننىڭ ئەزەربەيجانغا قارشى ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولۇپ كېلىۋاتقان رۇسىيە بولسا بۇ رايوندىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرىمۇ روسىيە بىلەن بىرلىكتە ئەرمىنىيەنى قوللىماقتا.
روسىيەنىڭ ئەرمېنىيەگە سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىنب ياردەم بېرىشى ئۇرۇش مەيدانىدىكى پۇرسىتىنى كۈچەيتىپ بەردى. بۇنىڭدىن باشقا ، ئىران ئەرمېنىيەنىڭ رايوندىكى ھۇجۇمىغا قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىران رۇسىيەنىڭ كاسپىي دېڭىزى ۋە ئىران ئارقىلىق ئەرمىنىيەگە ياردەم ئەۋەتىشى ۋە ئالدىنقى سېپىنى كۈچەيتىشىگە يول ئېچىپ بەردى.
بەششار ئەسەد، بۇ رايوندا روسىيە بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئەرمىنىيەنى قوللاپ ۋە تۈركىيەگە قارشى باياناتتا چىقارماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا، سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىن ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى يېرېۋانغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ كۆپىيىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردا ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ھەربىي ياردىمى، شۇنداقلا ياللانما ئەسكەرلىرىنى ئەرمېنىيەگە يەتكۈزدىغانلقى مۆلچەرلەنمەكتە.
2020-10-18
مەنبە: Mepa News