قىرغىزىستاندىكى سىياسىي باشقۇرۇشقا مەسئۇل باش مىنىستىر سادىر جاپاروف دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باش مىنىستىرنىڭ ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، جاپاروفنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاكتىپ ماكرو ئىقتىساد كۆرسەتكۈچىگە ئېرىشىشى ۋە دۆلەتنىڭ تاشقى قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جىنايەتلەر ئۈستىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ۋە «قولنى دۆلەتنىڭ يانچۇقىغا سالغانلارنى تېزدىن قولىغا ئېلىش» نى تەلەپ قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يېقىنقى 30 يىلدا ، ئېنېرگىيە، باج، دورا، ئىجازەتنامە، يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي ۋە ئاممىۋى تارماقلاردا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ، ھۆكۈمەت باشقۇرغۇچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرى، پايچىكلار ۋە باجدىن ئۆزىنى قاچۇرغان خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى 30 كۈن ئىچىدە ئىقتىسادىي كەچۈرۈم قىلىش قارارىدىن نەپكە ئېرىشەلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
ئىقتىسادىي كەچۈرۈم قىلىش قارارىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي چارە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەييارلىنىدىغانلىقى، ئېلان قىلىنغان تاۋار ۋە كىرىمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى، مال-مۈلۈك ۋە كىرىمنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەلۇم قىلغانلارنىڭ مەخپىيەتلىكى ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى ۋە ھەر خىل جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل قىرغىزىستان كىرىدىمدىن 600 مىليون دوللار زىيان تارتىشى مۇمكىن
10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە نارازلىق بىلدۈرگەن بىر قىسىم نامايىشچىلار تەرىپىدىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن جاپاروف دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىنى ئۆتكۈزۈۋالغان.
قىرغىزىستان خامچوتىنىڭ خىتاي ۋىرۇس (كوۋىد -19) گە قارشى تۇرۇش ، سايلام ۋە نامايىشتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيان سەۋەبىدىن بۇ يىل تەخمىنەن 600 مىليون دوللار كىرىم زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
2020-10-21
مەنبە: TRTHABAR / AA