ئىككى مۇسۇلمان ئايال فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئىسلامغا قارشى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن پىچاق بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچۇرىدى.
پارىژدىكى ئېيففېل مۇنارىغا يېقىن بىر جايدا ، قولىدا پىچاق بار بىر گۇرۇپپا ئىككى مۇسۇلمان ئايالغا ھۇجۇم قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئاياللار ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
فرانسىيە ساقچى مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىسلامغا قارشى ھۇجۇم قىلغۇچىلار مۇسۇلمان ئاياللارغا پىچاق تىقىۋاتقاندا «مەينەت ئەرەبلەر» دەپ توۋلىغان ئىكەن.
پىچاقلانغان ئاياللار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا ، ھۇجۇم قىلغۇچىلار قولغا ئېلىنغان.
فىرانسىيىدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد(س ئە ۋ)نى ھاقارەتلىگەن ئوقۇتقۇچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن جىددىيلىك كۈچەيدى. فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋەقەدىن كېيىن ئىسلامغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
بۇ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ماكرون ۋە باشقا سىياسىئونلارنىڭ نۇتۇقلىرىدىن ئىلھاملانغانلىقى بايان قىلىنغان.
2020-10-21
مەنبە: Mepa News