ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى ۋەكىلى بوررېل دىئالوگ مۇساپىسىدە تۇنجى قەدەمنى بېسىپ ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ ، بۇ مەسىلىدە ئورتاق سىياسەت تۈزۈشنى پىلانلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىدارىسىنىڭ بىرلەشمە يازما باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايك پومپېيو ۋە ياۋروپا بىرلەشمىسى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بايان قىلىندى.
باياناتتا ، بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ۋە ئورتاق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى دىئالوگ مۇساپىسىنى باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر مۇلازىمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان دىئالوگ ئاساسىدا ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، بىخەتەرلىك ۋە كۆپ خىللىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا پومپېيو بىلەن بوررېلنىڭ يەنە ناگورنو-قاراباغدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ۋە «توقۇنۇشنى دەرھال توختىتىش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى» تەلەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى.
بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنى مىنسىك گۇرۇھى دائىرىسىدە بالدۇرراق بىر يەرگە جەم بولۇشقا ۋە رايوندىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغانلىقى بايان قىلىندى.
2020-10-24
مەنبە: AA