قاتار ھۆكۈمىتىگە باغلىق تىجارەت قىلىدىغان ئەل مېيرا تاللا بازىرى زەنجىرى فىرانسىيەدە پەيغەمبىرىمىزنى ھاقارەتلەيدىغان ھەجۋى رەسىملەرنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا قارىتا، بارلىق تارماق دۇكانلىرىدا فرانسىيە ماللىرىنى يىغىشقا باشلىغان.
ئەل مېيرانىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا قىلغان باياناتىدا: «بىز بىر مىللىي شىركەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دىنىمىز، ئېتىقادىمىز ۋە خېرىدارلارنىڭ ئارزۇسى بىلەن ماسلىشىپ يىلتىزىمىزدىن كەلگەن ئەنئەنىمىز، ئۆرپ-ئادىتىمىز بويىچە ئىشلەيمىز» دېگەن ئىپادىلەش قوللىنىلدى.
بۇ سەۋەبتىن، فرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ كېيىنكى ئۇقتۇرۇشقىچە بازارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى دۇكانلاردىن چىقىرىۋېتىلىشكە باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىدا خېرىدارلارغا خىتاب قىلىپ: «يولىمىزنى ئايدىڭلاتقان مەشئىلىمىز ، پىكىرلىرىڭىز ۋە سەزگۈرلۈكىمىز سەۋەبىدىن سىلەرگە رەھمەت» دېيىلدى.
فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ بايانلىرى ۋە بەزى گېزىتلەردە پەيغەمبىرىمزنى ھاقارەتلەيدىغان ھەجۋى رەسىملەرنىڭ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، قاتاردىكى بىر قىسىم كارخانىلار فرانسىيە ماللىرىنى دۇكىنىدىن چەكلەشنى قارار قىلدى.
قاتار ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ فرانسىيەنى بايقۇت قىلماقتا
قاتار ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ فرانسىيەگە جاۋابەن «فرانسىيە مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى كېچىكتۈردى.
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىسلام سىمۋوللىرى، ئېتىقادى ۋە مۇقەددەسلىرىگە قىلىنغان ھاقارەتلەرنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، قاتار ئۇنىۋېرسىتېتى «فرانسىيە مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئېنىق بولمىغان ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى».
ئوقۇغۇچىلارغا ھەجۋى رەسىملەرنى كۆرسەتكەن ئوقۇتقۇچى ئۆلتۈرۈلدى
10-ئاينىڭ 16-كۈنى ، سامۇئىل پاتى ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ پارىژغا يېقىن كونفلانس ساينت-شەرەپ رايونىدا كاللا كېسىلگەن ئىدى.
فرانسىيە ئەمەلدارلىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ گۇماندارىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە قولىدا پىچاق بىلەن جەسەتنىڭ يېنىدا كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن فرانسىيە ساقچىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى قاتىلنى قوللايدىغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان.
فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەجۋى رەسىملەرنى ئېلان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
2020-10-24
مەنبە: AA / TRTHABAR