بېنگال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەبۇل كالام ئابدۇل مومېن خىتايلۇق مەنسەپدىشى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن.
ۋاڭ مۇنداق دېدى: بېرما بېنگال ئەمەلدارلىرى بىلەن ئاراكان مۇسۇلمان مۇساپىرلىرىنىڭ بالدۇرراق قايتىپ كېلىشى توغرىسىدا سۆھبەتنى باشلايدۇ ھەمدە بېيجىڭنىڭ روھىنگا كرىزىسى مەزگىلىدە بېرما بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ۋاڭ مۇنداق دېدى: كېلەر ئاي بېرمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدىن كېيىن، داككا بىلەن نېپىدو ئوتتۇرىسىدا ۋەكىللىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن ، ۋاڭ يى 3 دۆلەتنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا خىتاي ۋىرۇس (COVID-19) ۋاكسىنىلاش تەتقىقاتى ۋە كەسىپدىشى مومېن بىلەن يۇقۇمدىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق
2012-يىلى بېرمىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدىكى بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كۆپىنچىسى مۇسۇلمانلار بولغان مىڭلىغان كىشى قىرغىن قىلىنغان ، يۈزلىگەن ئۆي ۋە كارخانىلارغا ئوت قۇيۋېتىلگەن ئىدى.
بېرما ئارمىيىسى ۋە بۇددىست مىللەتچىلىرى 2017-يىلى 25-ئاۋغۇست ئاراكاندىكى چېگرا پونكىتىغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى مىسال قىلىپ ، كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 2017-يىلى 8-ئايدىن كېيىن ئاراكاندىكى زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكتىن قېچىپ ، بېنگالدا پاناھلانغانلارنىڭ سانى 900 مىڭغا يەتكەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نەچچە يۈزلىگەن كەنتنىڭ ئۆزلىرى تارقاتقان سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ۋەيران بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئونتارىيو خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنى 2018-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا ، 2017-يىلى 25-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئاز دېگەندە 24 مىڭ روھىنگا مۇسۇلمان بېرما ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 34 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئوتقا تاشلانغان بولسا ، تەخمىنەن 114 مىڭ كىشى جىسمانىي زوراۋانلىققا ئۇچرىغان.
دوكلاتقا قارىغاندا ، ھەربىي ئەزالار 18 مىڭ ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغان.
ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى «مىللىي تازىلاش» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتايدۇ.
مەنبە:TRTHABR / AA