ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۇداننى «تېرورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن چىقىرىۋىتش قارارغا ئىمزا قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇدان بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ترامپ ئوۋال ئىشخانىسىدا مۇخبىرغا بەرگەن باياناتىدا: «ئىسرائىلىيە بىلەن سۇدان تىنچلىق ئورنىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى» دېدى.
ترامپ باياناتىدا يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشنى خالايدىغان «كەم دېگەندە 5 ئەرەب دۆلىتى» بارلىقىنى ئېيتتى.
پەلەستىن ھۆكۈمىتى رەھبىرى مەھمۇد ئابباس ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋاتقاندا ، مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىشىنى ئەيىبلەيمىز ۋە رەت قىلىمىز».
غەززە رايونىنى كونترول قىلىدىغان ۋە ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «تېرورلۇق تەشكىلاتى» تىزىملىكىدە تۇرۇۋاتقان خاماس، سۇداننىڭ باشقا دۆلەتلەرگە بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا قاتنىشىشى «سىئونىست دۈشمىنىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى تېخىمۇ كۆپ جىنايەت ۋە تېخىمۇ كۆپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن ئىپادىنىنى قوللاندى.
2020-10-25
مەنبە: Mepa News