خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەندە پەيدا بولغان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان كوۋىد -19 ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 43 مىليون 346 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
«Worldometer» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (covid-19) بار دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىكى كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى يېڭىلانغان سانلىق مەلۇماتلار توپلانغان بولۇپ ، دۇنيا مىقياسىدا 1 مىليون 159 مىڭ 93 ئادەم ۋىرۇس سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئەڭ كۆپ يۇقۇملانغان ۋە قازا قىلغانلار ئامېرىكىدا بولۇپ 8 مىليون 889 مىڭ 179 ئادەمدە ۋىرۇس بايقالغان ، 230 مىڭ 510 ئادەم يۇقۇم سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئامېرىكىدىن باشقا ، 300 مىڭدىن ئارتۇق يۇقۇم بايقالغان دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە:
«ھىندىستان (7 مىليون 909 مىڭ 959) ، بىرازىلىيە (5 مىليون 394 مىڭ 128) ، روسىيە (1 مىليون 513 مىڭ 877) ، فرانسىيە (1 مىليون 138 مىڭ 507) ، ئىسپانىيە (1 مىليون 110 مىڭ 372) ، ئارگېنتىنا (1 مىليون 90 مىڭ 589) ، كولۇمبىيە (1 مىليون 15 مىڭ 885) ، پېرۇ (888 مىڭ 715) ، مېكسىكا (891 مىڭ 160) ، ئەنگىلىيە (873 مىڭ 800) ، جەنۇبىي ئافرىقا (715 مىڭ 868) ، ئىران (568 مىڭ 896) ، ئىتالىيە (525 مىڭ 782) ، چىلى (502 مىڭ 63) ، ئىراق (451 مىڭ 707) ، گېرمانىيە (437 مىڭ 866) ، بېنگال (398 مىڭ 815) ، ھىندونېزىيە (389 مىڭ 712) ، فىلىپپىن (370 مىڭ 28) ، تۈركىيە ( 361 مىڭ 801) ، سەئۇدى ئەرەبىستان (344 مىڭ 875) ، ئۇكرائىنا (343 مىڭ 498) ، پاكىستان (328 مىڭ 602) ، بېلگىيە (321 مىڭ 31) ۋە ئىسرائىلىيە (309 مىڭ 946) ».
ئامېرىكىدىن باشقا ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە:
«بىرازىلىيە (157 مىڭ 163) ، ھىندىستان (119 مىڭ 30) ، مېكسىكا (88 مىڭ 924) ، ئەنگىلىيە (44 مىڭ 896) ، ئىتالىيە (37 مىڭ 338) ، فرانسىيە (34 مىڭ 761) ، ئىسپانىيە (34 مىڭ 752) ، پېرۇ (34 مىڭ 149) ، ئىران (32 مىڭ 616) ، كولۇمبىيە (30 مىڭ 154) ، ئارگېنتىنا (28 مىڭ 896) ، رۇسىيە (26 مىڭ 50) ، جەنۇبىي ئافرىقا (18 مىڭ 968) ، چىلى (13 مىڭ 944) ، ھىندونېزىيە (13 مىڭ 299) ، ئېكۋادور (12 مىڭ 553) ، بېلگىيە (10 مىڭ 810) ، ئىراق (10 مىڭ 623) ۋە گېرمانىيە (10 مىڭ 138) ».
2020-10-26
مەنبە: AA