دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلاسى ئاقار ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېف بىلەن كۆرۈشتى. ئاقار سۆزىدە: «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېھتىياجنى قاندۇرىمىز» دېدى.
رەسمىي زىيارەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كەلگەن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە كەلگەن تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باھادىر قۇربانوف ۋە ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ۋىكتور مەھمۇدوف بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن پرېزىدېنتلىق سارىيىغا ئۆتتى.
ئاقار ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېف تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باھادىر قۇربانوفمۇ تۈركىيەنىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەھمەت سۇرېييامۇ يىغىنغا قاتناشتى.
ئاقار يىغىندىن كېيىن ئۆزبېكىستان گېزىتىگە قىلغان باياناتىدا، «ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆيى» دەپ تەسۋىرلەنگەن بۇ زېمىندا بولغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆزبېكىستاندا مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك زىيارەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئاقار مۇنداق دېدى: «بىز ناھايىتى ئاكتىپ ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدۇق».
2020-10-27
مەنبە: TRTHABAR / AA