ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەيۋەنگە 2 مىليارد 370 مىليون دوللارلىق خارپون دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئوق-دورا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشنى تەستىقلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئورگىنىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە تەخمىنەن 2 مىليارد 370 مىليون دوللار قىممىتىدىكى خارپون دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك 100 ھەربىي ئۈسكۈنىنىڭ سېتىلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.
بۇ سىستېمىلار 400 دانە «RGM-84L-4 Harpoon Block II» قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ، 4 دانە «RTM-84L-4 Harpoon Block II» مانېۋىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ، 411 كونتېينېر ، 100 خارپون دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇش بۆلۈمى ، 25 رادار ماشىنىسى ۋە زاپچاسلىرى سىناق ۋە قوللاش ماتېرىياللىرىنىڭ بارلىقى خاتىرىلەندى.
ئالدىنقى ھەپتە ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەيۋەنگە 1 مىليارد 800 مىليون دوللار قىممىتىدىكى F-16 ئايروپىلانىدا ئىشلىتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە HIMARS راكېتا سىستېمىسىنىڭ سېتىلىشىنى تەستىقلىدى.
خىتايدىن قارشىلىق
خىتايدىن تەۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەشكە قارشى جازا يۈرگۈزۈلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان ئامېرىكا تەمىنلىگۈچىلەرگە جازا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2020-10-27
مەنبە: TRTHABAR / AA