ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى كېللېي كۇرىي مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى ئاستىدىكى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى.
كۇرىي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى ئاياللارغا مەجبۇرىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، ئائىلە زىيارىتى ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش ئەيىبلىدى.
ئۇ يەنە ب د ت نىڭ ئاياللار ئەھۋالى كومىتېتىدا ئامېرىكىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ب د ت شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى»
بىر تۈركۈم ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى كېڭەش پالاتاسىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېنىقلىما بەردى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ساۋ لىچىن تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى«ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق »بىر قىسىم خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن قەستەن توقۇلغان ۋە خىتايغا تۆھمەت چاپلاش دېگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
2020-10-29
مەنبە: AA