ئىگىلىنىشچە ، فىلادېلفىيە شەھىرىدە قارا تەنلىك ياش قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن باشلانغان نامايىشنى كونترول قىلىش ئۈچۈن «كوچىغا چىقىش» نى چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىلىدىكەن.
ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى فىلادېلفىيە شەھرىدە 2 ساقچىنىڭ قولىدا پىچاق كۆتۈرگەن ۋالتېر ۋاللېسنى ئۆلتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن باشلانغان نامايىشنى كونترول قىلىش ئۈچۈن چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ساقچى خادىملىرى دۈشەنبە كۈنى كەچتىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا 172 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ، 53 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە 17 ساقچى ماشىنىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ۋاللېسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يەرلىك تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنى ۋە ئېتىۋېتىلگەن ئوغلىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ، شەھەردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ زوراۋان قالايمىقانچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ»
ۋالتېر ۋاللېسنىڭ ئۆلتۈرىلىشى
دۈشەنبە كۈنى بىر خەۋەر تاپشۇرۇۋېلىپ نەق مەيدانغا بارغان ساقچىلار «قولىدا پىچاق بار ۋە ساقچىلار تەرەپكە يۈرگۈردى» دىگەن 27 ياشلىق قارا تەنلىك ياش ۋالتېر ۋاللېسنى 14 پاي ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
ۋاللېسنىڭ دادىسى ۋەقەدىن كېيىن بەرگەن بايانات بېرىپ، ئوغلىنىڭ روھىي ساغلاملىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق سەۋەبتىن دارا يەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ۋاللېسنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدىكى سۈرىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا تارقىلىشى بىلەن مىڭلىغان كىشى كوچىلارغا چىقىپ ساقچىلارغا ئېتىراز بىلدۈردى. ھەتتا نامايىشچىلار ۋە ساقچىلار پات-پات سۈركىلىش يۈز بېرىپ تۇردى.
پېنسىلۋانىيە ۋالىيسى توم ۋولف ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئەترىتىنى بۇ ۋەقەلەرنى كونترول قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2020-10-29
مەنبە: Euronews / Mepanews