سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى جىددە شەھىرىدىكى فرانسىيە كونسۇلخانىسىدا بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ «ئۆتكۈر نەرسە» بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچۇرغانلىقىنى ۋە بىر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، فرانسىيەنىڭ جىددەدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى «پىچاق» بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
ئىگىلىنىشىچە ، ھۇجۇم قىلغۇچى 40 ياشلىق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پۇقراسى ئىكەن.
مەككە رايونلۇق بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد ئەل گامىدى ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ ئازراق يارىلانغانلىقىنى ۋە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغانلىقىنى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىنى قولغان ئالىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
فرانسىيەنىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يازغان يازما باياناتىدا ، «پىچاق» بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
باياناتتا ، ھۇجۇمنىڭ قاتتىق ئەيىبلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان.
2020-10-29
مەنبە: TRTHABAR / رېيتىر ئاگېنتلىقى