ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغداش ۋەدىسى «خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتى» ئىچىدە قايتىدىن كۈچلىنىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەنگە قايتىپ كېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تەكلىپلەر ئۇتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى.
1979- يىلى ۋاشىنگىتون بېيجىڭ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيىسى تەيۋەندىن چېكىنىپ چىققان.
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تۇنجى «مەڭگۈلۈك» قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى قايتىدىن قۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەكلىپ تالاش-تارتىش قوزغىدى. بۇ تەكلىپ ئارمىيەنىڭ كەسپىي ژۇرنىلى بولغان ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ھەربىي ئوبزورچىلىقىنىڭ سېنتەبىردىن ئۆكتەبىرگىچە نەشر قىلىنغان ماقالىسىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەنگە قىلىدىغان ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك توسۇش ئۈچۈن ۋە تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئېنىق ئىپادىلەيدىغان شەكىلدە تۇرغۇزۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا كۈچلىرىنى مۇقەررەر تېخىمۇ چوڭ توقۇنۇشقا ھازىرلاش ئىكەن.
تەكلىپكە ئاساسەن: «ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا بەل باغلىغان بولسا، ئامېرىكا تەيۋەندىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئاساس قىلىشنى ئويلىشىشى كېرەك»
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: تەيۋەندىكى جەڭگە ئىشىنىدىغان ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتاينىڭ بوغۇزىدىن ھالقىغان ھەرىكىتىنى قايتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاي بىلەن تېخىمۇ كەڭ توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر سەپەر يولى بولۇپ قالىشى مومكىن.
2020-11-02
مەنبە: Japantimes