ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ناگورنو-قاراباغ رايونىدىكى توقۇنۇشى كېچە-كۈندۈز داۋاملاشماقتا.
بىر ئايدىن بۇيان ناگورنو-قاراباغدىكى توقۇنۇشىتا بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇرۇش داۋام قىلماقتا. ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن توقۇنۇش ئۈزۈلمەي داۋام قىلىۋاتقان رايوندا ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئارقىلق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىمەكتە.
تۈركىيەدە ياسالغان بايراقتار TB2 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي ماشىنىلىرى ، ئورۇنلىرى ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرىنى ھاۋادىن نازارەت قىلىش نەتىجىسىدە كۈچلۈك نىشانغا ئېلىنىپ ھۇجۇم قىلىنماقتا.
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا، ناگورنو-قاراباغ رايونىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئاگدام، خوكاۋېند ۋە كۇباتلى لېنىيىسىگە مەركەزلەشكەنلىكى بايان قىلىنغان.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ، ئەرمېنىيەگە تەۋە 4 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئۈسكىنىسى، 10 خىل ئوخشىمىغان زەمبىرەك ، 3 ئوق دورا ماشىىسى ۋە 5 ماشىنا ئەزەربەيجان ئارمىيىسى تەرپىدىن ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ۋەيران قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەمىنلىگەن يېقىنقى سىن كۆرۈنىشى:
دېققەت: مۇزىكىسى بار…
2020-11-02
مەنبە: Mepa News