مايدا خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن خىتاينى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتىن كېيىن، يەتتە ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەتىگەندە قولغا ئېلىنغان.
خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا قانۇن چىقىرىش كېڭىشىدە دېموكراتىيەنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن خىتاينى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە يەتتە ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى قولغا ئېلىنغان. بۇ يەتتە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قانۇن كېڭىشى يىغىنىنى توسۇش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بايان قىلىندى.
ئىگىلىنىشچە، بېيجىڭنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھېچقايسىسى قولغا ئېلىنمىغان. پارلامېنت ئەزالىرى ۋۇ چى ۋاي، ئاندرېۋ ۋان ، خېلېنا ۋوڭ ، كۋۇك قانات كىن ، ئېددى چۇ ، رايموند چان ۋە فېرناندو چېڭ قاتارلىقلارنىڭ قولغان ئېلىنغانلىقى فېيسبۇكتىكى ھېسابات نومۇرىدا ئېلان قىلدى.
بۇ 7 نەپەر مىللەت ۋەكىلنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە 1 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.
نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟
5- ئاينىڭ 8-كۈنى خوڭكوڭ پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كېيىن ، ۋەكىللەر ئارىسىدا قۇرۇلتاي كومىتېتى يىغىنىغا كىمنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. ۋەكىللەر زالغا بالدۇر كىرىپ، ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىپ، ئۇزۇن مۇددەت سايلىنالمىغان كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىنى تالاشتى.
بېيجىڭنى قوللايدىغان پارلامېنت ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ستاررىي لى كومىتېتنىڭ رەئىسلىك ئورۇننى ئالغاندا، دېموكراتىيەنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرى بۇ ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇردى ۋە لى فامىلىلىكنى بۇ ئورۇندىن ئېلىپ تاشلىماقچى بولدى. ھەمدە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا دۇچ كەلدى.
2020-11-03
مەنبە: şarkulavasat