963
روسىيە ۋە ئىران قوللىغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيەت كۈچلىرى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئىدلىب يېزىلىرىغا جايلاشقان نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
يەرلىك مەنبەلەردە خەۋەر قىلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ،بەششار ئەسەد ھاكىمىيەت كۈچلىرى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى جەبەلزاۋىيادىكى سېرس ئولتۇراق رايونىغا يېقىن بىر ھەربىي نۇقتىنىڭ ئەتراپىنى گراد باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن بومباردىمان قىلغان.
رايوندا ھازىرغىچە ئۆلۈم ۋە يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
بەششار ھاكىمىيەت قىسىملىرى يېقىندا روسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتتىكەن بولۇپ رايوندىكى ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى ، نەچچە ئون پۇقرا يارىلاندى.
2020-11-05
مەنبە: Mepa News