خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشنى تەستىقلىغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.
ۋاڭ ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكانىڭ بۇ قەدىمىگە مۇۋاپىق ۋە زۆرۈر بولغان بىر جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋاڭ، خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچرىماشلىقى ئۈچۈن شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ خىل سېتىپ بېرىشلەرنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تەيۋەنگە ئومۇمىي قىممىتى 600 مىليون دوللار بولغان 4 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ سېتىپ بېرىلىشى تەستىقلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي» پرىنسىپىنى ۋە خەلقئارادا پەقەت ئۆزىنىڭلا ختايغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەننىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا شۇنداقلا باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىللىك قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە.
2020-11-05
مەنبە:TRTHABAR