بەششار ئەسەد سۈرىيەنىڭ ھاكىمىيەت كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىكى ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس لىۋاندىن كۆرمەكتە.
ئەسەد ھەلەبتە ئۆتكۈزۈلگەن سودا يەرمەنكىسىدە سۆز قىلىپ، ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنىڭ لىۋاندىكى بانكا كرىزىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەسەد مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى سۈرىيەلىكلەرنىڭ پوللىرىنى لىۋانغا ئېلىپ بېرىشى ۋە لىۋاندىكى بانكا كرىزىسى» دېگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى.
ھاكىمىيەت رەھبىرى سۈرىيەلىكلەرنىڭ لىۋاندا مىلياردچە دوللىرىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «بۇ ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ ماھىيىتى»دېدى.
ئەسەدنىڭ دېيىشىچە، لىۋاندا يوقاپ كەتكەن ئامانەت پۇل 20-42 مىليارد دوللار ئارىسىدا ئىكەن.
رۇسىيە ۋە ئىران تەمىنلىگەن كۈچلۈك ھەربىي قوللىشى بىلەن ھايات قالغان ۋە ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ئېغىر ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۇرماقتا.
پايتەخت دەمەشىقتىكى بارلىق گاز ۋە يېقىلغۇ ئۆچرەتلىرى يېقىنقى كۈنلەردە كۆرۈنەرلىك كۆپەيمەكتە.
ئىقتىسادىي كرىزىس بىلەن بىرگە ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى خىتاي ۋىرۇس كىرىزىسىنىڭ دۆلەتتە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
2020-11-07
مەنبە: Mepanews