فرانسىيە 4 بالىنى مەكتەپتە «تېرورلۇقنى قوغدىدى» دېگەن سەۋەب بىلەن قولغا ئالدى.
ئالبېرتۋىللې شەھىرىدە ئون نەچچە ساقچى سەھەردە بىر قىسىم مۇسۇلمان ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىگە ھەركەت ئېلىپ باردى.
بۇ ھۇجۇمدا ئۈچى تۈرۈك بولغان 10 ياشلىق تۆت بالىنى 11 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغان.
چامبېر تەپتىش مەھكىمىسى بالىلارنىڭ «تېرورلۇقنى قوغداش ۋە ئۆلۈم تەھدىتى» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
قولغا ئېلىنغان تۈرك بالىلىرىدىن بىرىنىڭ دادىسى مۇنداق دېدى: «ساقچىلار ئىشىكنى بۇزغىلى تاسلا قالدى. نىقابلىق ئون ساقچى ئۇزۇن سەبدانلىق مىلتىق بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۇلار مېنىڭ 10 ياشلىق قىزىمنى ئويغىتىپ:«قىزىڭىزنى قولغا ئالىمىز »دېدى.
ئۇلارنىڭ ئۆيىنى رەسىمگە تارتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن دادا: «ئۇلار بىزنىڭ دىنىمىز توغرىسىدا نۇرغۇن سوئاللارنى سورىدى، بىزنىڭ ئىبادىتىمىز توغرىسىدا بىلگۈسى كەلدى، ئۇلار ماكرون بىلەن ئەردوغاننىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىمىزنى سورىدى» دېدى.
ئالدىنقى كۈنى ، بالىلارغا مۇھەممەد پەيغەمبەرگە ھاقارەتلىك كارتونلارنى سىزغان چارلى خېبدو ۋە ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە ئۆلتۈرۈلگەن سامۇئىل پاتى ھەققىدە دەرس قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بالىلارغا قارىتىلغان ئەيىبلەشنىڭ سىنىپتا سۆزلەنگەنلىكىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، دادا مۇنداق دېدى: «ئۇلار مېنىڭ قىزىمغا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات بەردى، ئەمما قىزىم ئاران 10 ياش، ئۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ» دېدى.
ئالبېرتۋىللې ساقچىخانىسى بۇ ھەرىكەت توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن.
11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە فرانسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 14 بالىغا ئوخشاش ئەيىبلەش بىلەن ئەدلىيە ئىشلىرى باشلانغان ئىكەن.
2020-11-07
مەنبە: Mepanews