خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراقنىڭ ئىستېپانامىسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئالبايراق يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئۆزىنىڭ Instagram ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا ئۆزىنىڭ «ساغلاملىق مەسىلىسى» سەۋەبىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
پرېزىدېنت ئالاقە باشقارمىسى تۈنۈگۈن كەچتە بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى باياناتىنى ئېلان قىلدى. ئىستىپا قوبول قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى بايانات تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى:
«پرېزىدېنتىمىز تەرپىدىن كابىنېتقا كىرگۈزۈلگەن مىنىستىرلىرىمىز 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى پارلامېنتتا قەسەم بەردى ۋە ۋەزىپىسىنى رەسمىي باشلىدى.
ئالدىنقى ھۆكۈمەتتە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى بولغان ئىستانبۇلنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەرات ئالبايراق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 66-ھۆكۈمىتى بولغان بۇ كابىنېتتا خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى سۈپىتىدە قاتناشقان.
ئېلىمىز رايون ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك سىياسىي كرىزىستىن باشقا خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراقنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرمۇ خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بىر ۋاقىتتا نورغۇن مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ ھالقىلىق مەزگىلدە ئەڭ ئاز زىيان بىلەن يولىمىزنى داۋاملاشتۇردى.
مەلۇم بولغىنىدەك ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى يەكشەنبە كۈنى ، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرىمىز بەرات ئالبايراق ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتلىرىنىڭ بىرىدە ساغلاملىق سەۋەبىدىن خىزمەتتىن بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىدى.
پرېزىدېنتىمىز تەرپىدىن خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراقنىڭ تەلىپى قوبۇل قىلىندى».
2020-11-10
مەنبە: Mepa News