ئەزەربەيجان ئېھتىياتسىزلىقتىن روسىيە ئارمىيىسىگە تەۋە تىك ئۇچارنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان ئېھتىياتسىزلىقتىن روسىيە ئارمىيىسىگە تەۋە Mi-24 تىپلىق تىك ئۇچارنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
رايوندىكى مەنبەلەرگە قارىغاندا، ناخىچېۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە يېقىن جايدا، ئەزەربەيجان قىسىملىرى روسىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى مۈرىسىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرگەن.
بۇ رايوندا ئەرمېنىيە ھەربىي ماشىنا ئەترىتىگە ھەمراھ بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ تىك ئۇچاردىكى 2 روسىيە ئەسكىرى ئۆلگەن ۋە بىر ئەسكەر يارىلانغان.
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تىك ئۇچارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەزەربەيجان تىك ئۇچارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇلار تەرىپىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەزەربەيجان تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ قازا قىلغان ئەسكەرلەر ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تۆلەم تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
2020-11-10
مەنبە: Mepa News