روسىيەنىڭ باياناتىدا ناگورنو-قاراباغدا پەقەت روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭلا تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدا روسىيەنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمدىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتلۇق باياناتنى ئېلان قىلدى.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋانىڭ باياناتىدا، ناگورنو-قاراباغ رايونىغا پەقەت «روسىيە تىنچلىق ساقلاش» ئەسكەرلىرىنىڭلا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈنۈگۈن كەچ سائەت 00: 00 دىن باشلاپ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە روسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ بۇ رايونغا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
روسىيەنىڭ ئالدى بىلەن ناگورنو-قاراباغقا 1960 ئەسكەر ، 90 بروۋنىك ۋە 380 ماشىنىدىن تەركىب تاپقان ھەربىي قىسىم ئەۋەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
2020-11-10
مەنبە: Mepa News