روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف تۈركىيەدىن كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ناگورنو-قاراباغقا كىرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لاۋروف چەتئەل ئاخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، روسىيە-تۈركىيە كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ قوللىشى بىلەن يىراقتىن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە تۈرك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ناگورنو-قاراباغقا كىرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ناگورنو-قاراباغ رايونىغا كىرمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ روسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
لاۋروۋ يەنە تۈرك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكەت رايونىنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىغا روسىيە-تۈركىيە كۆزىتىش مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن بېكىتىلىدىغان رايوندىكى كوئوردېنات بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ نۇقتىنىڭ ناگورنو-قاراباغدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندىن يىراق بىر جايدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
2020-11-12
مەنبە: Mepa News