ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ئارمىيىسىنى قوللايدىغان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش پەرمانىغا ئىمزا قويدى.
بۇ پەرماننىڭ تىرامپ ئاقسارايدىن ئايرىلىشتىن 9 كۈن بۇرۇن 11-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ شىركەتلەردە پايچېكى ياكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بار مەبلەغ سالغۇچىلارغا 2021-يىلى 11-ئايغىچە بولغان ھەمكارلىقنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان مۆھلەت بېرىلىدۇ.
ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە شەخسلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيىسىنى قوللايدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پېيىغا ئىگە بولۇشىنى توسىدىغان بۇ قارارنىڭ خىتاي ئاۋىئاتسىيە، قۇرۇلۇش، تېخنىكا ۋە تېلېگراف شىركەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى 31 شىركەتنىڭ بۇ بەلگىلىمە بويىچە جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
2020-11-13
مەنبە: Mepa News