880
ئىراندا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئىران سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، تۈنۈگۈن پۈتۈن مەملىكەتتە خىتاي ۋىرۇس سەۋەبىدىن يەنە 457 ئادەم ئۆلگەن. ھازىرغىچە خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 40 مىڭ 121 گە يەتتى.
بۇ سان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئىچىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ئىراندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 726 مىڭ 585 كە يەتتى.
2020-11-14
مەنبە: Mepa News