خەۋەر قىلىنىشىچە ، تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر رايون مەركىزىنى كونترول قىلغان.
يەرلىك مەنبەلەرگە قاراغاندا ، تالىبانلار تۈنۈگۈن كەچتە ئافغانىستاننىڭ شىمالى قۇندۇز ۋىلايىتىگە تەۋە دېشتى ئارچىنىڭ رايون مەركىزىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىغان.
تالىبانلار بىلەن كابۇل ھۆكۈمەت قىسىملىرى رايون مەركىزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوراللىق توقۇنۇشىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى رايوننى تۇتۇپ تۇرالماي رايون مەركىزىدىن چېكىنگەن.
ھۆكۈمەت ئارمىيىسى چېكىنگەندىن كېيىن ، تالىبانلار دېشى ئارچىنىڭ رايون مەركىزىنى كونترول قىلدى. ئىگىلىنىشچە ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇ رايوندا ھاۋا ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ ، توقۇنۇشلار پات-پات داۋاملىشىۋاتقان ئىكەن.
تالىبانلار 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى دېشى ئارچىنىڭ رايون مەركىزىنى كونترول قىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن رايوندىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
دېشتى ئارچى رايون مەركىزى تاجىكىستان چېگراسىغا 1 كىلومىتىر كېلىدۇ.
2020-11-16
مەنبە: Mepa News