شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ئامېرىكىنى ئافغانىستاندىن چېكىنىشنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ستولتېنبېرگ ئامېرىكا ئافغانىستاندىن زور تۈركۈمدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرۈنەرلىك سۆزلەرنى قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ستولتېنبېرگ:
«بىز بىر قىيىن قارارغا دۇچ كەلدۇق، بىز ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقىنىمىزغا 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى، ھېچقانداق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بۇ يەردە ئېھتىياجدىن ئۇزۇنراق تۇرۇشنى خالىمايدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەك بالدۇر چېكىنىشىنىڭ بەدىلى ئېغىر بولۇشى مۇمكىن».
تۈنۈگۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارارغا ئاساسەن ، ئامېرىكا 15-يانۋارغىچە ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى 2500 گە قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2020-يىلى 29-فېۋرال تالىبانلار بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم بىلەن ئافغانىستاندىن ئايرىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئامېرىكا 2021-يىلى 5-ئايغىچە چېگرادىن ئايرىلىشى كېرەك.
2020-11-18
مەنبە: Mepa News