گېرمانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى كرىستوف خۇسگېنئ، روسىيە ۋە خىتاينى چاۋشيەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نېفىت ئىمپورت قىلىش قارارىغا خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بېكىتىشكە توسقۇنلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.
چاۋشيەن جازا كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇسگېن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىلەن خىتاي باك سانىنى دوكلات قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ توننا بىلەن ھېساپلاپ بېرىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ب د ت بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ». دېدى. بۇ مەسىلىنىڭ ئۈستەل ئۈستىدە 3 يىل تۇرغانلىقىنى بايان قىلغان خۇسگېن تەرەپلەرنىڭ توننىدىن تۇڭغا ئايلاندۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان فورمۇلا توغرىسىدا ھەر قانداق كېلىشىمگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گەرچە بۇ ئەھۋال مۇرەككەپ بولمىسىمۇ خۇسگېن روسىيە بىلەن خىتاينى «مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇردى» دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاي ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېقىلغۇ ئېكسپورتىدا ئىشلىتىلىدىغان ئورۇننىڭ BMGK قارارىدا ئېنىق بېكىتىلمىگەنلىكى ۋە ئۆزگەرتىش فورمۇلاسىنى ھېسابلاشتا «مۇرەككەپ تېخنىكىلىق مەسىلىلەر» نىڭ بارلىقى، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئوخشىماسلىقنىڭ نورمال ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2017 -يىلى يادرو پىلانىنى داۋاملاشتۇرغان چاۋشيەننىڭ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىغا يىللىق چەكلىمىسىنى 500 مىڭ تۇڭ قىلىپ بېكىتكەن.
كېڭەش 2006-يىلدىن باشلاپ چاۋشيەنگە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جازا يۈرگۈزدى.
2020-11-18
مەنبە: euronews