ياپونىيە ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ باياناتنى ياپونىيە كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى كاتو كاتسونوبۇ ئوتتۇرىغا قويدى. كاتسونوبۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ رايوندىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
كاتسۇنوبۇ «نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
تاجاۋۇزچى خىتاي كونتروللۇقىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ، ئاساسلىقى مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى 3 مىليونغا يېقىن كىشى جازا لاگېرلىرىدا قامالغان. خىتاي بۇ مەركەزلەرنىڭ «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا قارشى تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ، ياپونىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خەت ئەۋەتكەن 39 دۆلەت ئىچىدە بار.
2020-11-19
مەنبە: Mepa News