تاجاۋۇزچى خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ QR كودىنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق ساياھەت سىستېمىسىنى خەلقئارا ساياھەتنىڭ كونا مۇساپىسىگە قايتىشقا چاقىردى.
BBC نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، شى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا خىتاي ۋىرۇس (COVID-19) سەۋەبىدىن قالايمىقانلاشقان خەلقئارالىق ساياھەتكە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن يېڭى تەكلىپ بەرگەن.
كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مېخانىزىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن شى: «بىز سىياسەت ۋە ئۆلچەملەرنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ ، كىشىلەرنىڭ دائىملىق ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تېز يوللارنى يارىتىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى.
شىنىڭ QR كودى توغرىسىدىكى تەكلىپىدىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بۇ كودلارنى «تېخىمۇ كەڭ سىياسىي نازارەت قىلىش ۋە كەمسىتىش» ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
2020-11-23
مەنبە: TRTHABAR / AA